بالىلىقىم قاپتۇ يىراقتا
ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ،
ئويلاپ قالدىم يېشىمنى قايتا.
قوللىرىمنى پۈكتۈم قايتىلاپ،
بولۇپ قالسۇن بۇ پەقەت ساختا.
ئەسلەپ باقتىم كىچىك چاغلارنى،
ئۆز بېشىمدىن كەچكەنلا قىسمەت.
لېكىن قېنى؟ يوققۇ يېنىمدا،
قېپقالغىنى پەقەتلا ھەسرەت.
قايتاي يەنە سەبىيلىكىمگە،
كىچىك ئوماق پۇتلىرىم بىلەن.
باشلاي يەنە ھايات يولۇمنى،
تېخىمۇ رۇس قەدىمىم بىلەن.
ئويناي يەنە سالغىلار ئېتىپ،
باغچىلاردا قۇشقا جۆر بولۇپ.
چۆمۈلەي بىر سۇغا قايتا رەت،
زور ھاياجان شاتلىققا تولۇپ.
ئاتامنى بىر ئات قىلىپ مىنەي،
كۈلسۈن يەنە قىلىقلىرىمدىن.
كىيىمىمنى مىلاي توپىغا،
ئاپام تارتسۇن قۇلاقلىرىمدىن.
قېنى ئاشۇ گۈزەل چاغلىرىم؟
قالدىم ئۇزۇن ئوتتەك پىراقتا.
ئاخىرقىسى شۇدۇر يەكۈنۈم،
بالىللىقىم قاپتۇ يىراقتا.
مەشئەل
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى.
ئويلاپ قالدىم يېشىمنى قايتا.
قوللىرىمنى پۈكتۈم قايتىلاپ،
بولۇپ قالسۇن بۇ پەقەت ساختا.
ئەسلەپ باقتىم كىچىك چاغلارنى،
ئۆز بېشىمدىن كەچكەنلا قىسمەت.
لېكىن قېنى؟ يوققۇ يېنىمدا،
قېپقالغىنى پەقەتلا ھەسرەت.
قايتاي يەنە سەبىيلىكىمگە،
كىچىك ئوماق پۇتلىرىم بىلەن.
باشلاي يەنە ھايات يولۇمنى،
تېخىمۇ رۇس قەدىمىم بىلەن.
ئويناي يەنە سالغىلار ئېتىپ،
باغچىلاردا قۇشقا جۆر بولۇپ.
چۆمۈلەي بىر سۇغا قايتا رەت،
زور ھاياجان شاتلىققا تولۇپ.
ئاتامنى بىر ئات قىلىپ مىنەي،
كۈلسۈن يەنە قىلىقلىرىمدىن.
كىيىمىمنى مىلاي توپىغا،
ئاپام تارتسۇن قۇلاقلىرىمدىن.
قېنى ئاشۇ گۈزەل چاغلىرىم؟
قالدىم ئۇزۇن ئوتتەك پىراقتا.
ئاخىرقىسى شۇدۇر يەكۈنۈم،
بالىللىقىم قاپتۇ يىراقتا.
مەشئەل
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى.

No comments:
Post a Comment