تاپىدۇ ئوقۇرنى
كەچقۇرۇن ئاخىر.
يىل يىللاپ كۈتسىمۇ
ۋىسال پەيتىنى،
قايتىدۇ يۇرتىغا
بىر كۈن مۇساپىر.
باغاشلاپ ئاچىدۇ
قۇچاقنى ئاڭا،
تەڭرىتاغ گۈلدەستە
ئۈنچىلەر تىزىپ.
تۆكۈلەر ياشلىرى
كۆزىدىن ئۇنىڭ،
يىغلايدۇ ھاياجان
ئىچرە تېلىقىپ.
تۆكىلەر ئاسماندىن
شەپقەت يامغۇرى،
مەڭزىدىن ياشلارنى
يوشۇرۇش ئۈچۈن.
ئۆزگىلەر پەقەتلا
چۈشەنمەس ئۇنى،
كۆزىدىن تامچىلار
سىرغىيدۇ نېچۈن؟
ئاشىق ئۇ،
ئۆزلىكنىڭ دەردىدە مەجنۇن،
باغاشلاپ مەيدىسىن
ياقىدۇ يەرگە.
تۇپراقمۇ تونۇيدۇ
بۇ سەرسان ھىدنى،
دانىچە پارچىسى
تەگكەندە لەۋگە.
maxal20
No comments:
Post a Comment